بەرات ئايبەرك ئۆزدەمىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ترابزونسپورغا يۆتكەپ كېلىندى

ترابزونسپور سەئۇدى ئەرەبىستان گۇرۇپپىسىنىڭ ئەل ئىتتىفاق كوماندىسىدىن تەكلىپ قىلىنغان بەرات ئايبەرك ئۆزدەمىر ترابزونغا يېتىپ كەلدى.

2033532
بەرات ئايبەرك ئۆزدەمىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ترابزونسپورغا يۆتكەپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بەرات ئايبەرك ئۆزدەمىر توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن ترابزون ئايرودورومىدا قىزغىن قارشى ئېلىندى.

ئۆزدەمىر ترابزونسپورغا يۆتكەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بايان قىلىپ: «مەن يەنە ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم، ئىنتايىن خۇشالمەن. ئايرىلغان جايدىن ترابزونسپورنىڭ سىمۋولىغا ئەڭ ياخشى ۋەكىللىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۈشنى ئۈمىت قىلىمەن. ئايرىلغاندا يىغلاپ تۇرۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما ئاللاھ تائالا مانا بۈگۈنلەنى كۆرۈشنىمۇ بىزگە نىسىپ قىلدى. بۇ نېمە دېگەن ياخشى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر