كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.
2133770
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەنىڭ شىمالىدىكى بولىۋار مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق گۇاراپېرا يېزىسىدا چۈشۈپ كەتكەن «MI-17 HK3395» نومۇرلۇق ھەربىي تىك ئۇچاردا بىرسى گېنىرال، 8 ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 9 كىشى قازا قىلدى.
كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قازا قىلغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن «چوڭقۇر» قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ «كلان دېل گولفو» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىك ۋە يېرىم ھەربىي تەشكىلاتقا قارشى ھەرىكەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.