2018-يىلى مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىغان ئىرېلاندىيەلىك ناخشىچى 56 يېشىدا ۋاپات بولدى

ئەسلى ئىسمى سىنېد ئوكوننور بولۇپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئىسمىنى «شۇھەدا داۋىت» دەپ ئۆزگەرتكەن داڭلىق ناخشىچىنىڭ ۋاپاتى ھەممەيلەننىى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈردى.

2016677
2018-يىلى مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىغان ئىرېلاندىيەلىك ناخشىچى 56 يېشىدا ۋاپات بولدى
sinead oconnor.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <BBC> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىنېد ئوكوننور دەپ تونۇلغان ۋە  مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئىسمىنى «شۇھەدا داۋىت» دەپ ئۆزگەرتكەن داڭلىق ناخشىچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ باياناتىدا، «سۆيۈملۈك سىنېيدنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە ئېلان قىلىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، 56 ياشلىق شۇھەدا داۋىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ بۇ قايغۇلۇق خەۋەردىن قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

90-يىللاردا «ھېچنېمە 2 U نى سېلىشتۇرمايدۇ» ناملىق ناخشىسى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغان ۋە يالغۇز كىشىلىك پىلاستىنكىسى شۇنداقلا خەير-ساخاۋەت كونسېرتلىرى بىلەن نام چىقارغان شۇھەدا داۋىت ھازىرغىچە جەمئىي 10 پىلاستىنكا چىقارغان ئىدى.

شۇھەدا داۋىت ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى 2018-يىلى ئېلان قىلغان ئىدى.

شۇھەدا داۋىت باياناتىدا «مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. بۇ ھەر قانداق ئەقىللىق ئىلاھىيەتشۇناسنىڭ ئاخرى يېتىپ بارىدىغان تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. بارلىق مۇقەددەس كىتابلار بىزنى ئىسلام دىنىغا باشلايدۇ. ئىسلام باشقا بارلىق مۇقەددەس كىتابلارنى ھاجەتسىز قىلىدۇ». دېگەن ئىدى.

ئىرېلاندىيەلىك ناخشىچى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يېڭى ئىسىم ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن «Şüheda Davitt» «شۇھەدا داۋىت» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر