ياۋروپا سوتى ئۈچ ئەنگلىيەلىكنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سوت مەھكىمىسى ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ برېگزىت (ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى) بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىشىغا قارشى سۇنۇلغان دەۋالارنى رەت قىلدى.

2000274
ياۋروپا سوتى ئۈچ ئەنگلىيەلىكنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  باش ئىشتابى ليۇكسېمبۇرگقا جايلاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي قانۇن ئورگىنى بولغان ياۋروپا ئەدلىيە سوتى، ئەنگلىيە پۇقرالىرى برېگزىت كېلىشىمىگە قارشى سۇنغان ئۈچ دەۋا ئۈستىدە ھۆكۈم چىقاردى.

سوت مەھكىمىسى ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ برېگزىت نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەرزلىرىنى رەت قىلدى.

قاراردا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى يوقىتىش ۋە  بۇ سالاھىيەتكە باغلىق بولغان ھەق-ھوقۇقنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قارارىنىڭ ئاپتوماتىك نەتىجىسىدۇر» دېيىلدى.

ئەنگلىيەلىك ئۈچ كىشى برېگزىت نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقراسى بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىغا قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقى سوتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى.

ئەنگلىيە، گاللېر، شىمالىي ئىرېلاندىيە ۋە شوتلاندىيەدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە پادىشاھلىقتا 2016-يىلى ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا %48 كە قارشى %52 ئاۋاز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قارارى چىققان ئىدى.

ئەنگلىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى 2020-يىلى 31-يانۋار ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر