مەملىكەتلىك ئوقياچىلىرىمىز ياۋروپا ياشلار ئوقيا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 1- بولدى

مەملىكەتلىك ئوقياچىلىرىمىز ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ياشلار ئوقيا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 14 مېدالغا ئېرىشىپ، پائالىيەتنى بىرىنچىلىك بىلەن تاماملىدى.

1870491
مەملىكەتلىك ئوقياچىلىرىمىز ياۋروپا ياشلار ئوقيا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 1- بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئوقياچىلار فېدېراتسىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، لىللېشال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە يەككە مېدال تالىشىش ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇسابىقىلەردە ئەرەن كىرجا، ھازال بۇرۇن، ياقۇپ يىلدىز، بەركاي ئاققويۇن، ئەزگى باشاران ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن  ۋە مۇستاپا ئۆزدېمىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.

21 ياشتىن تۆۋەنلەر ۋە 18 ياشتىن تۆۋەنلەر تۈرىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىگە چۈشكەن چېمپىيونلۇقنى تالىىشىشتا، تۈركىيە 8 ئالتۇن، 4 كۈمۈش ۋە 2 مىس مېدال بولۇپ، جەمئىي 14 مېدال  بىلەن مېدال رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا ئۆتكەن.

مېدال رەت تەرتىپىدە ئەنگىلىيە بىلەن  ئىتالىيە يەتتىدىن مېدالغا ئېرىشىپ، تۈركىيەنىڭ ئارقىدا قالغان.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر