سەدىقەتېشى جەمئىيىتى كېنىيەدە 2353 ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقاتتتى
سەدىقەتېشى جەمئىيىتى «قۇربان ھيېت» پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە كېنىيەدە 2353 ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقاتتى.
1678765
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىدا «قۇربان ھيېت» پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سەدىقەتېشى جەمئىيىتى، 6 نۇقتىدا 1267 پاي (181 كالا) قۇربانلىق گۆشىنى تارقاتتى.
مەزكۇر رايونلاردا بالىلارغا بالون، ئويۇنچۇق ۋە شېكەر قاتارلىقلارنى تارقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلغان پىدائىيلار ئەترىتى، يەنە ھەر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەمئىيەتلىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىش ۋە قۇربانلىق گۆشلىرىنى تارقىتىش خىزمەتلىرىگىمۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.