مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز بىلەن فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ئىرانغا تەزىيە بىلدۈردى

ئىراننىڭ 8 - نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىياننىڭ تىك ئۇچار ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەدىن ئىرانغا تەزىيە ئۇچۇرلىرى يوللانماقتا.

2141696
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز بىلەن فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ئىرانغا تەزىيە بىلدۈردى
fahrettin altun.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئىران ئۈچۈن ئېلان قىلغان تەزىيەنامىسىدا: «تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى كىشىلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، دوست ۋە قېرىنداش ئىران خەلقىگە، شۇنداقلا دۆلىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.  ماكانلىرى جەننەت بولسۇن»  دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئىبراھىم رەئىسى ۋە ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، دوست ۋە قېرىنداش ئىران خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر