ئىمران خان يۇنۇس ئەمرە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلدى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان سوپىزمغا قىزىقىدىغانلارغا يۇنۇس ئەمرە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلدى.

1538035
ئىمران خان يۇنۇس ئەمرە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىمران خان تىۋىتتېردا پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى (PTV) تەرىپىدىن ئوردۇچە ئاۋاز بېرىلىپ تارقىتىلىشقا باشلانغان «يۇنۇس ئەمرە: ئىشق يولۇچىسى» ناملىق تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئىمران خان تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا، «PTV دا تارقىتىلىۋاتقان «يۇنۇس ئەمرە» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سوپىزىمغا قىزىقىدىغانلارغا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن» دېدى.

پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى (PTV) دا «يۇنۇس ئەمرە» تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەر دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 19:00  دا بىر بۆلۈمدىن تارقىتىلىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.

پاكىستان پارلامېنتى ئۇچۇر ۋە ئالاقە كومىتېتى باشلىقى فايسەل جاۋىد خانمۇ باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» دىن كېيىن «يۇنۇس ئەمرە: ئىشق يولۇچىسى» نىڭ پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى (PTV) دا تارقىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پاكىستاندا ئۆتكەن رامىزان ئېيىدا تارقىتىشقا باشلانغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل يۈرۈشلۈك فىلىمى» زور قىزىقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، «YouTube» دىكى «TRT Ertugrul by PTV» قانىلىنىڭ ئابونت سانى 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر