دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇنىۋېرستېتلار پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرىنى توختاتمىدى

ئامېرىكا مىننېسوتا (Minnesota) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، پەلەستىننى قوللاش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتتى.

2139514
دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇنىۋېرستېتلار پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرىنى توختاتمىدى
belcika Liege universitesi filistin.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مىننېسوتا (Minnesota) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، پەلەستىننى قوللاش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتتى. دېپلوملىرىنى ئالغاندا ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پەلەستىننى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا، زور ئالقىش ياغدى.

كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، بەزى ئوقۇغۇچىلار پەلەستىننى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىگە جىمجىت نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەنگلىيەدە پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرىغا يەنە بىر ئۇنىۋېرستېت قوشۇلدى. پايتەخت لوندوندىكى خانىش مارى ئۇنىۋېرسىتېتى (Queen Marry) ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ھويلىسىدا چېدىر قۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

شىۋىيېتسارىيە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىنىڭ «مەكتەپ رايونىنى تارقاقلاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىدى. ئوقۇغۇچىلار پەلەستىننى قوللاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى.

نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ئىسىرائىلىيەنى پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىشغالىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

بېلگىيەدىمۇ ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىقى بارغانسېرى ئۇلغىيىشقا باشلىدى.

لىجې (Liege ) ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرىنى باشلىدى.

مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ «دۇنيا غەززە نامايىشى» غا قاتناشتى.

ئۇنىۋېرسىتېت ھويلىسىدا پەلەستىنلىكلەرنى قوللاپ پىيادە يۈرۈگەن ئوقۇغۇچىلار «بايقۇت ۋە چېكىنىش» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈردى.

ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتنى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشكە چاقىردى.

گىرېتسىيەدە ئافېنا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىمۇ پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە مەكتەپ ئالدىدا چېدىر قۇردى.

ئوقۇغۇچىلار باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «رەفاھ ھۇجۇمىدا پەيدا بولغان خارابىلىكتىكى بالىلارنىڭ سۈرەتلىرى، ئامېرىكا-ناتو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قاتىل ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە بەرگەن قوللىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر