فىرانسىيەلىك ئاتاقلىق ئۇچار ئادەم دۇبەيدىكى مەشىق جەريانىدا قازا قىلدى

ئاسماندا يەلكە راكېتاسى ۋە كاربون تالا قانىتى بىلەن ئاكروبات نۇمۇرلىرى كۆرسىتىدىغان فىرانسىيەلىك ۋىنسېنت رېفېت دۇبەيدىكى مەشىق جەريانىدا قازا قىلدى.

1529906
فىرانسىيەلىك ئاتاقلىق ئۇچار ئادەم دۇبەيدىكى مەشىق جەريانىدا قازا قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  «BBC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «جېتمەن دۇبەي شىركىتى» 36 ياشلىق رېفېتنىڭ دۇبەيدىكى مەشىق جەريانىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شىركەتنىڭ باياناتىدا، «ۋىنس تالانتلىق تەنھەرىكەتچى ئىدى، كوماندىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىلىدىغان ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى ئىدى. بىزنىڭ دۇئالىرىمىز ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە. ئۇنى تونۇيدىغانلار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە» دېيىلدى.

«ھاۋا غەۋۋاسى» رېفېت كەسپىي ھاياتىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا «بۇرج خەلىفە»دىن پاراشوت بىلەن سەكرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە خەتەرلىك ئۇچۇش نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

رېفېت شىۋېيېتسارىيەلىك ئۇچقۇچى يىۋېس روسسىي قۇرغان «Jetman» دۇبەي شىركىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچۇشلىرى ئارقىلىق  داڭق چىقارغان ئىدى.

يىۋېس روسسىي ئۇچۇش ئۈچۈن لايىھەلىگەن ئۈسكۈنىلەر ئاكروباتلارنىڭ ئاسماندا سائىتىگە 402 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇچۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر