ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى سېن كوننېرىي ۋاپات بولدى

ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى سېن كوننېرىي (Sean Connery)  90 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1519631
ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى سېن كوننېرىي ۋاپات بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامىس بوند فىلىمىنىڭ ئىشلىگۈچىسى «EON» فىلىم شىركىتى، 90 ياشلىق ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە شوتلاندىيەلىك كىنو ئارتىسى كوننېرىينىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاتاقلىق چولپاننىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. ئۇنىڭ ئوغلى جەيسون كوننېرىي دادىسىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقاندىن كېيىن، باھامادا كېچىدە ئۇيقۇدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتتى.

كوننېرىي تۇنجى بولۇپ كىنو ئېكرانىدا جامىس بوند رولىنى ئالغان ۋە «جامىس بوند» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئارتىسى بولۇپ تونۇلغان ئىدى.

پېشقەدەم ئارتىس كوننېرىي 1988-يىلى «The Untouchables» «تېگىشمەسلەر» فىلىمىدىكى ئېرلاندىيە ساقچى رولى بىلەن ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

كوننېري «جامىس بوند» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ «جامېس بوند 007» رولى بىلەن خاتىرىلەردە چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان بولۇپ، «Indiana Jones and the Last Crusade» «ئىندىئانا جونېس ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئەھلى سەلىپلەر»، «Highlander» «ئېگىزلىك»، ۋە «The Hunt for Red October» «قىزىل ئۆكتەبىر ئوۋى» قاتارلىق فىلىملەردە مۇھىم روللارنى ئالغان ئىدى.

2000 - يىلىدا ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت تەرىپىدىن «خىرىستىيان جەڭچىسى» ئېلان قىلىنغان ۋە  «سۆر» ئۇنۋانى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ 8-ئايدا 90 ياشقا كىرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر