تۈركىيە يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەردى

تۈركىيەدىن 5 فوندى جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش ۋە نامراتچىلىق سەۋەبىدىن ئىنسانىي تىراگېدىيە  يۈز بېرىۋاتقان يەمەنگە رامىزان ئېيىدا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىدىن 15 مىڭ كىشى بەھرىمەن بولدى.

1422284
تۈركىيە يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن بادىيە تەرەققىيات ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنىىڭ لايىھە ئىشلىرى مەسئۇلى مەجدى باشىئايۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەدىن 5 فوندى جەمئىيەتنىڭ رامىزان ئېيىدا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىدىن يەمەنلىك 15 مىڭ 164 كۆچمەن، مۇھتاج ۋە يېتىم بەھرىمەن بولغان. تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى، ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى، دوست قولى جەمئىيىتى، يېشىل سانجاق جەمئىيىتى ۋە ۋۇسلات جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەر ئىئانە قىلغان يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى مەغرىب، ھەزەرمەۋت، ئەدەن، لاھىج، ھۇدەيدە، پايتەخت سانا ۋە ئەبيەن شەھەرلىرىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەڭ نامرات دۆلەتلەردىن قاتارىدىن ئورۇن ئالغان يەمەندە، تەخمىنەن 5 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان كەڭ دائىرىلىك ئىنسانىي تىراگېدىيەمۇ قورقۇنچلۇق سەۋىيەگە يەتكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يەمەندە 22 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ياردەم ھەم قوغدىنىشقا مۇھتاج ئىكەن.

پاكىز سۇغا ئېرىشەلمەسلىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، دورا ۋە داۋالاش لازىمەتلىكلىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر، دۆلەتنى خولېرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارقىلىشچان يۇقۇم كېسەللىكلىرىگە تاقابىل تۇرالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر