رۇسىيەدە بېمارلار ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئوت كەتتى

رۇسىيەنىڭ كراسنوگورسك شەھىرىدە ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بېمارلار ۋە ياشانغانلار تۇرۇشلۇق ساناتورىيەدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 9 كىشى قازا قىلدى.

1414783
رۇسىيەدە بېمارلار ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پايتەخت موسكۋاغا قاراشلىق كراسنوگورسك شەھىرىدە ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بېمارلار ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئوت ئاپىتىدە 9 كىشى قازا قىلىپ، يەنە 9 كىشى يارىدار بولغان.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن چاغدا بىنادا 29 كىشىنىڭ بارلىقى ۋە ۋەقەگە دائىر تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن، پار قازىنىنىڭ پارتىلىشى ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئوت ئاپىتىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر