ئىسپانىيە بىرىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى «La Liga» نى ۋۇخەن ۋىرۇسى باستى

ئىسپانىيە بىرىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى «La Liga» كۇلۇبلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋالېنسىيەدە، تېخنىكا خادىملىرى ۋە پۇتبولچىلاردىن 5 كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1378795
ئىسپانىيە بىرىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى «La Liga» نى ۋۇخەن ۋىرۇسى باستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋالېنسىيە كۇلۇبى ئۆزىنىڭ ئىنستاگرام ھېساۋىدا، ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى ئېزېكېل گارايدىن باشقا يەنە، تېخنىكا خادىملىرى ۋە پۇتبولچىلار ئارىسىدىمۇ 4 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيە كۇلۇبى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆيىدە كارانتىناغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پۇتبول چولپىنى ئېزېكېل گاراي تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا، ئۆزىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى، ئىسپانىيە بىرىنچى پۇتبول بىرلەشمىسىدە تۇنجى بولۇپ ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان پۇتبولچىغا ئايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر