ئىران – ئامېرىكا سۈركىلىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (02)

1337791
ئىران – ئامېرىكا سۈركىلىشى

ئىران – ئامېرىكا سۈركىلىشى

ئىران – ئامېرىكا سۈركىلىشى

(مۇرات يېشىلتاش)

ئىران ئامېرىكا سۈركىلىشى؛ قاسىم سۇلايمانىنىڭ باغداتتا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشى ۋە ئىراننىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىغا قاراشلىق قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلايمانى ئىراننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى رايونلۇق سىياسىتىنىڭ ئۇمۇرتقىسى ھېسابلىناتتى. سۇلايمانى ئەرەب قوزغىلاڭلىرى باشلانغاندىن بۇيان ئىراننىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل كىشى سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىققان بولۇپ، لىۋان، سۇرىيە، ئىراق ۋە يەمەندە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىدى. ئۇ شىئە مىلىتانلىرىنىڭ رايوندىكى توقۇنۇشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان كىشى ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، لىۋاندىن يەمەنگىچە بارلىق شىئە مىلتانلىرى ئۈستىدە كونتىروللۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىراننىڭ ئىچكى سىياسىتىدە دىنىي رەھبەر ھامانېيدىن ھەتتا پىرېزىدېنت رۇھانىدىنمۇ ئۈستۈن قوللاشلارغا ئېرىشكەن بولدى. سۇلايمانىنىڭ ئوينىغان روللىرى ۋە ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلەرگە قارالغىنىدا، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىراننىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان درىجىدە بىر يېرىكچىلىك باشقۇچنى باشلاتقان بولدى. 

تۆۋەندە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاشنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

**** *** **** ***** ***** ***** ***

سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ۋە ئارقىدىنلا ئىران قايتۇرغان قاتتىق جاۋاب، ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ 2020يىلىدا تېخىمۇ جىددىي بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىران ئامېرىكا سۈركىلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ بىۋاستە ئۇرۇش قىلىشىغا سەۋەب بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. لېكىن ھەر ئىككى ئاكتىيور ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى داۋملشىۋاتقان يېپىق ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغانلىقى مەلۇم. 

ئىران ھۆكۈمىتى سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدىن كېيىن ئىنتىقام قەسىمى ئىچتى ۋە قىسغىنە ۋاقىتتا بۇ قەسەمگە ئەمەل قىلغانلىقىنىمۇ كۆرسەتتى. ئۇزۇندىن بۇيان قېيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىران خەلقىمۇ تېھران كوچىلىرىدا ئىنتىقام قەسەملىرىگە ماس شوئارلارنى توۋلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. باغدات كوچىلىرىدىمۇ سۇلايمانى بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن مۇھەندىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش شوئارلىرى توۋلانماقتا. ھەتتا يېڭى قۇرۇلغان كىچىك قوراللىق تەشكىلاتلار، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا قەسەم ئىچكەن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى. ئىراق پارلامېنتىمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئالاھدە قارار ماقۇللىدى ۋە ھۆكۈمەتكە بۇنى ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. ئۇزۇندىن بۇيان ئىچكى توقۇنۇش ۋە سىياسىي مالىمانچىلىقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىراقنىڭ ئەمدى بۇ مەسىلىنىڭ ئىچىدىن زادى قانداق چىقالايدىغانلىقى چوڭ بىر سوئال بەلگىسى. ئىراق ھېچ بولمىغاندا، ئامېرىكا ئىران سۈركىلىشىنىڭ ۋە رىقابىتىنىڭ ئىراقنى ۋەيرانچلىققا تىقىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بىراق قولىدىن ھېچ نەرسە كەلمەيۋاتماقتا. «ئامېرىكامۇ ئەمەس، ئىرانمۇ ئەمەس، مۇستەقىل ئىراق» چۈشنچىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلايدىغان سېھىرلىك فورمىلادىن مەھرۇم ئەھۋالدا تۇرماقتا.

*** *** ** **** ***** * *****

 

ئىران ھۆكۈمىتى بولسا، ئىنتايىن جىددي ۋەزىيەتلەردە يىغىلىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىنى ئامېرىكاغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە يىغىنغا چاقىردى. ھامانېيمۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئىران دۆلىتى بارلىق جامەلەرنىڭ گۈمبەزلىرىگە شىئەلىكنىڭ كۈچلۈك سېمۋولى ھېسابلىنىدىغان قىزىل رەڭلىك بايراقلارنى ئاستى. ئىران ھۆكۈمىتى يەنە، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا ئالاقىدار خەلقئارا كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئوران سۇيۇقلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكاغا ئىنتايىن ئېغىر جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ جاۋاب قايتۇرغانمۇ بولدى. لېكىن بۇ جاۋاب سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە قايتۇرۇلغان تولۇق جاۋاب بولالامدۇ؟ ھازىرچە بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىش تەس. ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

*** ** **** ****** **** ****

سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئوتتۇرا شەرقتە گويا چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلدى. بارلىق ئاكتىيورلار بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەر بولىدىغانلىقىغا دائىر تەخمىنلەرنى قىلىشماقتا ۋە بۇ تەخمىنلەرگە كۆرە پىلان تۈزۈشمەكتە. تۈركىيە ھازىرچە ئۇتتۇرا شەرقتە مۆتىدىللىك چاقىرى ئېلان قىلغان بىردىن بىر دۆلەت بولۇپ قالدى. ئىسرائىلىيە سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدىن ئىنتايىن خوشال. سەئۇدى ئەرەبىستان باشتىنلا سۇلايمانىنى قولى قانغا بويالغان كىشى دەپ قارايتتى، ھازىر تېخىمۇ خوشال بولدى. بىراق ئىراننىڭ قايتۇرىدىغان جاۋابىنىڭ سەئۇدى ئەربىستانغىمۇ يۈزلىنىپ قىلىشىدىن قورقماقتا. پارىس قولتۇقىنىڭ كىچىك دۆلەتلىرى بولسا، قاتتىق ئىككىلىنىش ئىچىدە.

خەلقئارا جامائەتچىلىك سۈكۈتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. قايتۇرغان ئىنكاسلىرى تولىمۇ ئادەتتىكىچە.   ئامېرىكا ئۇرۇشقا كۆكرەك كىرگەندەك كۆرۈنۈش بىلەن بىرگە جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىپ، ئىراننى قايتىدىن ئۈستەلدە ئولتۇرغۇزۇشنىڭ كويىدا. نۆۋەتتە ئۇرۇش چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ. بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. لېكىن 2020يىلىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە نىسبەتەن تېخىمۇ جىددىيچىلىكلەر ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقى مەلۇم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر