شىمالىي كورېيە چېگرادىكى ھەربىيلەردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بىتەرەپ رايونغا مىنا كۆمدى
شىمالىي كورېيە ئىككى كورېيەنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ۋە ھەربىيلەردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بىتەرەپ رايوننىڭ يوللىرىغا مىنا كۆمدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىككى كورېيەنى بى-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ۋە ھەربىيلەردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بىتەرەپ رايوننىڭ يوللىرىغا شىمالىي كورېيەنىڭ مىنا كۆمگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ھالقىغان يوللارنى تاقاش دائىرىسىدە، شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن تاشلانغان ئاخىرقى قەدەملەرنىڭ بىرى بولغان.
شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆتكەن يىلى (2023) مۇ ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى چېئورۋوندىكى ئارروۋھېد چوققىسى ئەتراپىدىكى بىتەرەپ رايوننىڭ يوللىرىغا مىنا كۆمگەنلىكى بايقالغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى دېكابىردا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن كەسكىن پەرمان چۈشۈرۈپ، گيۇڭيۈي تاشيولىنى تاقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى بارلىق ئۇلىنىشنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى.
شىمالىي كورېيە 18 - ئاپرېل (2024) دا، كورېيەلىكلەر ئارا يارىشىش مۇساپىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، 2004 - يىلى قۇرۇلغان ۋە كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كايسوڭ سانائەت مەيدانىدىن كۇمگاڭسان تېغىغا تۇتىشىدىغان يوللاردىكى كوچا چىراغلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ تاشلىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.