ئىمران خان «دىرىلىش ئورتۇغرۇل» نى پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىشنى تەلەب قىلدى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «PTV» دە، تۈركىيەدە ئىشلەنگەن «دىرىلىش ئورتۇغرۇل» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تارقىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1318282
ئىمران خان «دىرىلىش ئورتۇغرۇل» نى پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىشنى تەلەب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان نەشىرىيات ۋە ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرى فىردەۋس ئاشىق ئاۋان «Arab News» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، جەمئىيەت، كۈلتۈر ۋە دىنىي قىممەت قاراشلارنى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەر دائىرىسىدە، باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «PTV» دە، تۈركىيەدە ئىشلەنگەن «دىرىلىش ئورتۇغرۇل» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تارقىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

فىردەۋس ئاشىق ئاۋان «دىرىلىش ئورتۇغرۇل» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىيارىتىرىنىڭ ئۇردۇچە ئاۋاز بېرىلگەن شەكىلدە تاقىتىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تېلېۋىزىيە تىيارىتىرىنىڭ ياشلارنىڭ ئىسلام تارىخىنى ياخشى چۈشىنىشىگە چوڭ يارىدىمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆزىگە ئائىت قىممەت قاراشلىرى ۋە شانلىق تارىخى بارلىقىغا قارىماستىن، بىز ھازىرمۇ غەربتە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرمەكتىمىز» دېدى.

فىردەۋس ئاشىق ئاۋان ئۆزىمۇ قاتناشقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر قېتىملىق يېغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىىدە مېدىيا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغانلىقنى ۋە بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىسلامغا نىسبەتەن غەرب دۆلەتلىرىدە شىكىللەنگەن سەلىبىي قاراشلارنى ئۆزگەرتىشكە پايدىسى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر فىردەۋس ئاشىق ئاۋان تېلېۋىزىيە ۋە كېنو ساھەسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ «ئىسلامئوفىبى» (ئىسلامغا ئاچمەنلىك قىلىش ئېقىمى) غا قارشى كۈرەشتە مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «PTV» نىڭ تاشقى مۇناسىۋەت دىرىكتورى شازىيا سىكەندەرمۇ بۇ ھەقتە تۇختىلىپ، «< PTV > دىرىلىش ئورتۇغرۇلنى تارقىتىش ئۈچۈن ئۇردۇچە نەشىر ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. ھازىر ئاۋاز بېرىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىمىز. كۆرۈرمەنلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋاز ئارتىسلىرىنى ئالاھىدە دىققەت بىلەن تاللاۋاتىمىز» دېدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر