تۈرك قەھۋەسى

«تۈرك قەھۋەسى» تەييارلاش ئۇسۇلى.

1315140
تۈرك قەھۋەسى

تۈرك قەھۋەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گەرچە ئىسمى «تۈرك قەھۋەسى» بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە تېرروتېرىيەسىدە قەھۋە ئىشلەپچىقىرىلمايدۇ. بۇ قەھۋەنىڭ «تۈرك قەھۋەسى» نامى بىلەن ئاتىلىشى تۈركلەر ئىجاد قىلغان ئۆزگىچە قەھۋە تەييارلاش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئانادولۇ رايونىغا قەھۋە تۇنجى قېتىم 16 – ئەسىردە يەمەندىن كىرگەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، كەڭ تارقالغان. غەرب دۇنياسىنىڭ قەھۋە بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىمۇ تۈركلەر سايىسىدا بولغان. 17 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەگە كەلگەن ۋەنەدىكلىك سودىگەرلەر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە كۆرگەن «تۈرك قەھۋەسى» نى ياۋروپاغا ئېلىپ بارغان. دەسلەپتە كوچىلاردا سېتىلغان قەھۋە 1645 – يىلى تۇنجى قېتىم ئىتالىيەدە بىر دۇكاندا، يەنى چايخانىدا سېتىلىشقا باشلىغان. 18 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن ئېتىبارەن قەھۋە ياۋروپادا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. قەھۋەنىڭ ئاۋىستىرىيەگە كىرىش ھېكايىسىمۇ ناھايىتى ھەيران قالارلىقتۇر. 1683 – يىلى ۋىيانانى قورشىغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارىيەسى مەغلۇب بولۇپ، چېكىنىدۇ، ھەمدە تاغار – تاغارلاپ قەھۋەنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ. ئاۋىستىرىيەلىكلەر تاغارلاردىكى قەھۋەنى دەسلەپتە «ھايۋانلارنىڭ يەم – خەشەكلىرى» ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. لېكىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى ياخشى بىلىدىغان جورج كولسچىتزىكى بۇ تاغارلارنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ بۇنى دەسمايە سېلىپ، ۋىيانادا قەھۋە ئىچىلىدىغان بىر چايخانا ئاچىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاۋىستىرىيەلىكلەرمۇ قەھۋە بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ.

16 – ئەسىردىن بۇيان ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن تەييارلىنىدىغان «تۈرك قەھۋەسى» تۈركلەرنىڭ  يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىدە  ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.  جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسىنى ئورتاق پايدىدا ئۇچراشتۇرىدىغان قەھۋە، يەنە ئەڭ مۇھىم ئاممىۋىلىشىش ۋاسىرىلىرىدىن بىرىدۇر. بىراۋ بىلەن بىرلىكتە ئىچىلىدىغان قەھۋە، كوففېئىننى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان قەھۋە رەڭلىك ئىچىملىكتىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر پىيالە قەھۋە دېمەك، بەزىدە كۆڭۈللۈك سۆھبەت، يەنە بەزىدە دەرسلىشىش دېگەنلىكتۇر. «تۈرك قەھۋەسى» تەخمىنەن 70 مىللىلېترىلىق كىچىك پىيالىلەردە ئىچىلىدۇ ۋە ئادەتتە بۇ پىيالىلەر ئۆلچەم سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

«تۈرك قەھۋەسى» تەييارلاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • بىر تاتلىق قوشۇقى قەھۋە پاراشوكى
  • بىر قەھۋە پىيالىسى سۇ
  • بىر تاتلىق قوشۇقى شېكەر

«تۈرك قەھۋەسى» تەييارلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، قەھۋە پاراشوكىنى قەھۋە چەينىكىگە قويۇڭ، ئاندىن قەھۋەنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ بىلەن شېكەر ئىلاۋە قىلىڭ.
  • قەھۋە چەينىكىگە قويۇلغان قەھۋە، شېكەر ۋە سۇ ياخشى ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوچاقنىڭ ئۈستىگە قويۇڭ. 
  • ئاستا ئوتتا ئۈستىدىكى كۆپۈك يېنىككىنە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر 3 – 4 مىنۇتتەك پىشۇرۇڭ.
  • قەھۋە تاشاي دەپ قالغان چاغدا كۆپۈكىنىڭ بىر قىسمىنى پىيالىگە تۆكۈڭ. چۈنكى قەھۋە قانچە كۆپۈكلۈك بولسا شۇنچە ياخشى تەييارلانغان بولىدۇ.
  • قەھۋە چەينىكىنى قايتىدىن ئوچاقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قاينىغان چاغدا پىيالىگە تۆككەندىن كېيىن، بىر ئىستاكان سۇ ۋە تۈرك لوقۇمى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر