نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

2019-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى لىتىي ئىئون باتارىيەسىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۆھپە قوشقان تەتقىقاتلىرى سەۋەبى بىلەن، ئالىملاردىن جون ب. گۇدېناف (John B. Goodenough)، م. ستەنلېي ۋىتىڭھام (M. Stanley Whittingham) ۋە ئاكىرا يوشىنو (Akira Yoşino) غا بېرىلدى.

1284852
نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە پادىشاھلىقى بىلىملەر ئاكادېمىيەسى 2019-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، 2019-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى لىتىي ئىئونلۇق باتارىيەسىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۆھپە قوشقان ئالىملاردىن جون ب. گۇدېناف، م. ستەنلېي ۋىتىڭھام ۋە ئاكىرا يوشىنوغا بېرىلگەن.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«كۈنىمىزدە قول كومپىيۇتېرىدىن يانفونغىچە بولغان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان لىتىي ئىئونلۇق باتارىيەلەر ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر، تەتقىقاتلىرى بىلەن سىمسىز ۋە فوسىل يېقىلغۇلارغا ئېھتىياجلىق بولمىغان جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى ياراتتى.»

ئەنگلىيەلىك خىمىيە ئالىمى م. ستەنلېي ۋىتىڭھام1970-يىللىرى يۈز بەرگەن نېفىت كىرىزىسى جەريانىدا، فوسىل يېقىلغۇلارغا ئېھتىياجى چۈشمىگەن ھالدا ئىشلەيدىغان يېڭى تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىئون ماددىسىنىڭ ئېلېكتىرونلىرىنى سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى بايقىدى. ئۇ لىتىي ئېلمىنتىنى تەجرىبە قىلىپ، بىرىنچى بولۇپ لىتىي باتارىيەسىنى ياسىغان كىشى بولۇپ قالدى.

ئامېرىكالىك قاتتىق ھالەت فىزىكا ئالىمى جون ب. گۇدېناف لىتىي باتارىيەسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرغان شارائىتلارنى پەيدا قىلىپ، باتارىيە ئىشلىتىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغان تەتقىقاتلارغا باشچىلىق قىلدى.

ياپونىيەلىك ىىمىيە ئالىمى ئاكىرا يوشىنو باتارىيەلەردىكى ساپ لىتىيلارنى پۈتۈن ھالدا چىقىرىپ، باتارىيەلەرنى پەقەت لىتىي ئىئونلار بىلەن ئىشلەيدىغان ھالغا كەلتۈردى. بۇ ئىجادىيەت باتارىيەلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇمكىن ھالغا كەلتۈردى.

 جون ب. گۇدېناف، م. ستەنلېي ۋىتىڭھام ۋە ئاكىرا يوشىنو نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىدىن باشقا، 9 مىليون شىۋېيتسارىيە كرونى (تەخمىنەن 1 مىليون دوللار) ھەدىيەسىگە ئېرىشتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر