خىتاي رېژسسورغا ئادانادا «ھاياتى بويى ئۇتۇق» مۇكاپاتى بېرىلىدىغان بولدى
26 – نۆۋەتلىك ئادانا ئالتۇن قوزا كېنو – فىلىم فېستىۋالىدا، خىتاي كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ ئاتاقلىق رېژىسسورى شى فەي «ھاياتى بويى ئۇتۇق» مۇكاپاتى ئالىدىغان بولدى.
1270167
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادانا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، خىتاي رېژسسورنىڭ بېرلىن كېنو – فىلىم فېستىۋالىدا، ئالتۇن ئېيىق ۋە كۆمۈش ئېيىق مۇكاپاتى ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، 23 – سېنتەبىردىن 29 – سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 26 – نۆۋەتلىك ئادانا ئالتۇن قوزا كېنو– فىلىم فېستىۋالىغا مېھمان بولۇپ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
26 – نۆۋەتلىك ئادانا ئالتۇن قوزا كېنو - فىلىم فېستىۋالىدا، فىلىملەر كۆرسىتىلىدۇ ۋە خىتاي رېژسسور شى فەيگە مۇكاپات بېرىلىدۇ.
شى فەي فېستىۋال دائىرىسىدىكى پائالىيەتتە، خىتاي كېنوچىلىق ساھەسىنى بۈگۈنكى غەلىبىگە ئېرىشتۇرگەن باسقۇچلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىدۇ ۋە كېنوچىلىق قارىشى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.