«تۈركىيە كىتاب ۋە كۈلتۈر يەرمەنكىسى» سىلەرنى كۈتمەكتە
28 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «تۈركىيە كىتاب ۋە كۈلتۈر يەرمەنكىسى» كىتابخۇمارلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ يىل 38 – نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۈركىيە كىتاب ۋە كۈلتۈر يەرمەنكىسى» ئۈچۈن سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدا تەييارلىقلار تاماملاندى.
يەرمەنكە ئەتە (15 - ماي) سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدا ئېچىلىدۇ.
ھەر يىلى پايتەخت ئەنقەردىمۇ ئۆتكۈزۈلىۋاتقان يەرمەنكىنىڭ بۇ يىل ئىستانبۇلدىكى ئىككىنچى ئورنى، بۈيۈك چاملىجا جامەسى بولىدۇ.
1981 – يىلىدىن ئېتىبارەن جەمئىي 28 يىل بويۇنچە سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن «تۈركىيە كىتاب ۋە كۈلتۈر يەرمەنكىسى» گە تەخمىنەن 250 نەشرىيات ئورگىنى قاتنىشىدۇ.
يەرمەنكە 31 - مايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىنىڭ زىيارەت قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.