خەلىپە ئابدۇلمەجىد ئەپەندى كۈتۈبخانىسىنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ

ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرىقى خەلىپىسى ئابدۇلمەجىد ئەپەندىگە تەۋە نادىر كىتابلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 مىڭدىن ئارتۇق ئەسەر ساقلىنىۋاتقان «خەلىپە ئابدۇلمەجىد ئەپەندى كۈتۈبخانىسى» تارىخ ۋە كىتاب سۆيەر زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە.

1173542
خەلىپە ئابدۇلمەجىد ئەپەندى كۈتۈبخانىسىنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ
abdulmecid.jpg
abdulmecid.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت سارايلىرى ئىچىدە تارىخىي ئەھمىيىتى زور جايلاردىن بىرسى بولغان دولما باھچە سارىيىدىكى «خەلىپە ئابدۇلمەجىد ئەپەندى كۈتۈبخانىسى» دا، 14 مىڭدىن ئارتۇق قىممەتلىك ئەسەر ساقلانماقتا.

بۇ ئالاھىدە كۈتۈبخانىدا يالغۇز تۈرك تىلى ۋە ئوسمانلى تىلىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، فىرانسوزچە، ئەرەبچە ۋە فارىسچە كىتابلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

ئابدۇلمەجىد ئەپەندىنىڭ خۇسۇسىي ئەشيالىرىنىڭ بىر قىسىمىمۇ بۇ كۈتۈبخانىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى بانكا كېنىشكىسى ۋە چەك دەپتەرلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئابدۇلمەجىد ئەپەندى ئەسلىدە كاتتا بىر رەسسام بولۇپ، كۈتۈبخانىدا كۆرگەزمە قويۇلغان رەسىملەرنىڭ ھەممىنى ئۇ ئۆزى سىزغان. ئوغلى سىرغان بىر پارچە رەسىممۇ كۆرگەزمە قىلىنماقتا. 

ئەسەرلەر ئارىسىدا يەنە، ياغاچ ۋە مەرمەر تاشتىن ياسالغان جىلدلارمۇ بار. 

ئوسمانلىنىڭ ئاخىرىقى خەلىپىسى ئابدۇلمەجىد ئەپەندىگە تەۋە كىتابلارمۇ ئورۇن ئالغان بۇ كۈتۈبخانىدا، كىتاب، ژۇرنال، گېزىت، ئانسىكلوپىدىيە، لۇغات، يىلنامە، خەرىتە، رەسىم ئالبوملىرى، پوچتا ماركىسى ۋە ھۆججەتلەرگە ئوخشاش ھەر خىل يازما، باسما ۋە سۈرەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

كۈتۈبخانا ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلەرنىڭ ھەممىسىدە زىيارەتچىلەرگە ئوچۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر