4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا قىرغىزىستان زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر بەردى.

1042815
4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
FOTO_16296634_020920182124230000_R_SPO_20180902000000_aa-picture-20180902-16296634.jpg
FOTO_16296658_020920182124230000_R_SPO_20180902000000_aa-picture-20180902-16296658.jpg
FOTO_16296655_020920182124230000_R_SPO_20180902000000_aa-picture-20180902-16296655.jpg
FOTO_16296651_020920182124230000_R_SPO_20180902000000_aa-picture-20180902-16296651.jpg
FOTO_16296640_020920182124230000_R_SPO_20180902000000_aa-picture-20180902-16296640.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا قىرغىزىستان زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ قىرغىزىستان زىيارىتىدە، 3-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قىرغىزىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا تۆھپە قوشقان بۇ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى، ئىنشائاللاھ 2020-يىلى دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزىمىز» دېدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) بىلەن تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت (TRT) ئاخباراتتا ھەمكارلاشقان ۋە 3-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ بىر تۈۋرۈكى بولغان ئېتنو شەھىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋ بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلىكتە ئىشتىراك قىلدى.

قىرغىزىستانلىق سەنئەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا، «كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى» ناملىق تىياتىر نومۇرىنى كۆرسىتىپ، قىرغىزىستانلىقلارنىڭ تارىخىنى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشتىكى ئەنئەنىلىرىنى نامايان قىلدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋ ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ۋە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتى رۈستەم مىنىخانوۋ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋ كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى پەلسەپەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 4-نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەرنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشىدە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

 ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، 4-نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنىڭ تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە خەلقىگە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتتى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە قىرغىزىستاندىكى يەتتە رايوننىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئېتنو شەھىرىدىكى چېدىرلارنى زىيارەت قىلدى.

3-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى 8-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر