دۆلەتلىك ئاياللار ئا ۋالىبول كوماندىسى چىمپېيون بولدى

ئومۇمىي مۇسابىقىدا تۈركىيە بىرىنچى، رۇسىيە ئىككىنچى، ئەزەربەيجان ئۈچىنچى ۋە ئىتالىيە تۆتىنچى بولدى.

1037866
دۆلەتلىك ئاياللار ئا ۋالىبول كوماندىسى چىمپېيون بولدى
a milli kadin voleybol takimi1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۆلەتلىك ئاياللار ئا ۋالىبول كوماندىسى «2018 FIVB» دۇنيا جېمپېيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدە ئاتكۈزۈلگەن «Gloria Cup» تىكى 3ۋە ئاخىرىقى مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يېڭىپ چىمپېيون بولدى.

ئىتالىيە كوماندىسى دەسلەپتە ياخشى ئوينىغان بولۈپ، تۇنجى تېخنىكىلىق دەم ئېلىشنى 6 گە قارشى 8 نەتىجە بىلەن، ئىككىنچى دەم ئېلىشنى 14 كە قارشى 16 نەتىجە بىلەن ئاخىرىلاشتۇرغان شۇنداقلا دەسلەپكى باسقۇچنى 23  كە قارشى 25 نەتىجە بىلەن ئۇتقان ئىدى. 

ئىككىنچى باسقۇچتا تۈركىيەنىڭ ئاي يولتۇز كوماندىسى سۈرئىتى تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئويۇن باشلاپ، تۇنجى دەم ئېلىشنى 6 گە قارشى 8 نەتىجە بىلەن ۋە ئىككىنچى دەم ئېلىشنى 13 كە قارشى 16 نەتىجە بىلەن تاماملىدى. نەتىجىدە تۈركىيە كوماندىسى 22 گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن ئۇتۇقنى قايتۇرۇپ ئالدى.

ئۈچىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدىمۇ دۆلەتلىك كوماندىمىز ناھايىتى ياخشى ئوينىدى. بىرىنچى تېخنىكىلىق دەم ئېلىشنى 6 گە قاشى 8 نەتىجە بىلەن ۋە ئىككىنچى دەم ئېلىشنى 8 گە قارشى 16 نەتىجە بىلەن تاماملىدى. نەتىجىدە دۆلەتلىك كوماندىمىز ئۈچىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدا 18 گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن يەنە ئۇتۇپ چىقتى.

تۆتىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدا تۇنجى تېخنىكىلىق دەم ئېلىشنى 4 كە قارشى 8 نەتىجە بىلەن ۋە ئىككىنچى دەم ئېلىشنى 13 كە قارشى 16 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تاماملىدى.

شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە كوماندىمىز 4باسقۇچلۇق مۇسابىقىدا 21 گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈردى.

«2018 FIVB» دۇنيا جېمپېيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدىكى 3 قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ھەممىدە غالىپ كەلگەن دۆلەتلىك ئاياللار ئا كوماندىمىز مۇسابىقىنىڭ بىرىنچىسى بولدى.

ئومۇمىي مۇسابىقىدا تۈركىيە بىرىنچى، رۇسىيە ئىككىنچى، ئەزەربەيجان ئۈچىنچى ۋە ئىتالىيە تۆتىنچى بولدى.

مۇسابىقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەنتەربىيەچىسى مۇكاپاتى دۆلەتلىك ئاي يۇلتۇرزلۇق كوماندىمىزدىن ئەدا ئەردەم دۇندارغا تەقدىم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر