بېلگىيەدە مۇسۇلمان بىر قىزنىڭ بەدىنىگە پىچاق بىلەن كىرېسىت  بەلگىسى سىزىلدى

بېلگىيەنىڭ ئاندېرلۇئېس يېزىسىدا 2 كىشى 19 ياشلىق مۇسۇلمان بىر قىزغا ھۇجۇم قىلىپ، بەدىنىگە پىچاق بىلەن كىرېسىت  بەلگىسى سىزدى.

1005645
بېلگىيەدە مۇسۇلمان بىر قىزنىڭ بەدىنىگە پىچاق بىلەن كىرېسىت  بەلگىسى سىزىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (بەلگا) نىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت بىريۇسسېلنىڭ 60 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ئاندېرلۇېس يېزىسىدا 2 كىشى دۈشەنبە كۈنى كېچىسى كوچىدا كېتىۋاتقان مۇسۇلمان بىر قىزغا ھاقارەت ھەم ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن بېشىدىكى ياغلىقى بىلەن كىيىم – كېچەكلىرىنى يىرتىۋەتكەن، جېنىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىپ قاچماقچى بولغان قىزنى يەردە دۈشكەلەپ، «نىجىس ئەرەب» دەپ ھاقارەت قىلغان، ئاندىن، قورسىقىغا، پۇتلىرىغا ۋە بەدىنىڭ ھەر خىل يەرلىرىگە پىچاق بىلەن كىرېسىت  بەلگىسى سىزغان، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر