كولومبىيەلىك داڭلىق ناخشىچى ئىسرائىلىيە كونسېرتىنى بىكار قىلدى

كولومبىيەلىك دۇنياغا داڭلىق ناخشىچى شاكىرا 9 – ئىيۇل كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدە بېرىدىغان كونسېرتىنى بىكار قىلدى.

982394
كولومبىيەلىك داڭلىق ناخشىچى ئىسرائىلىيە كونسېرتىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆپ ساندىكى پەلەسىتنلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار دۇنياغا داڭلىق سەنئەتچى شاكىرانى، ئىسرائىلىيەگە ئاكادېمىيەلىك بايقۇت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن پەلەستىنگە ياردەم بېرىش سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە تېل ئاۋىۋدە بېرىدىغان كونسېرتىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغانىدى.

گراممى مۇكاپاتلىق تولغىما ئۇسسۇل چولپىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم بېرىش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياخشى نىيەت ئەلچىسى شاكىرامۇ بۇ چاقىرىقلارغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ غەززەدە يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئاملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئىسرائىلىيەدە بېرىدىغان كونسېرتىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر