ساياھەت جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ جەزبىدارلىق شەھەر
ئىستانبۇل ساياھەت جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ جەزبىدارلىق 10 - شەھەر قىلىپ بېكىتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئامېرىكىغا جايلاشقان خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە شىركىتى (Mastercard) نىڭ «2017 – يىللىق يەر شارى خاراكتېرلىك جەزبىدارلىق ساياھەت شەھەرلىرى تىزىملىكى» دوكلاتىدا، بۇ يىل ئەڭ كۆپ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان 20 شەھەر بېكىتىپ چىقىلدى.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، 10 – قاتاردىن ئورۇن ئالغان ۋە بۇلتۇر 9.6 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان ئىستانبۇلنىڭ بۇ يىل تەخمىنەن 9.24 مىليون زىيارەتچىنى كۈتۈۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئەڭ كۆپ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان 30 شەھەر ئىچىدە تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوك بىرىنچى رەتكە، ئەنگلىيە ئىككىنچى رەتكە، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ ئۈچىنچى رەتكە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى دۇبەي تۆتىنچى رەتكە، سىنگاپۇر بەشىنچى رەتكە تىزىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.