30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە

30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا  تۈرلۈك مۇراسىملار ئارقىلىق تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە.

798750
30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تۇنجى ئادرېسى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى ئىدى.

رەھبەرلەر ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرەسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىدى ھەمدە دەپتەرگە 15 – ئىيۇل كېچىسى تۈركىيە خەلقىنىڭ پىداكارلىقىنى مەدھىيىلىگەن ھالدا مۇنۇلارنى يازدى: «ئەزىز ئاتاتۈرك مىسلىسىز زەپەرنىڭ 95 – يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەۋاتىمىز. مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان بۇ تارىخىي زەپەرنى مالازگىرتتىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇشەققەتلىك زەنجرسىمان كۈرەشنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر ھالقىسى دەپ قارايمىز. 30 – ئاۋغۇستتا قازانغان زەپەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن كۈچنىڭ سايىسىدا جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىقتۇق، نىشانىمىزنى بولسا دۆلىتىمىزنى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسىغا يەتكۈزۈش قىلىپ بېكىتتۇق. تۈركىيە سىز بەلگىلەپ بەرگەن بۇ ئۇلۇغۋار نىشانلارنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ئەزىز خەلقىمىزنىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسى كۆرسەتكەن مىسلىسىز قەھرىمانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇستەقىللىقىغا قارىتىلغان بارلىق ھۇجۇملارنى تارمار قىلىش مەسىلىسىدە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. سىز ئەزىز شېھىتلىرىمىز ۋە قەھرىمان غازىلىرىمىز بىزگە ئامانەت قويۇپ كەتكەن بۇ ۋەتەننى ئاداققىچە جان تىكىپ قوغديمىز. روھىڭلار ئامان بولغاي!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر