فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ئىپتاردا بىر يەرگە جەم بولدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژنىڭ گوئۇسسائىنۋىللې رايونىدا 1500 تۈرك ئىپتاردا بىر يەرگە جەم بولدى.

753991
فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ئىپتاردا بىر يەرگە جەم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوئۇسسائىنۋىللې رايونىدىكى ئۇلۇغ جامەسى جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيەنىڭ پارىژ باش ئەلچىخانىسى دىنىي ئىشلار مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ئىلھان سارىكۈلچە، فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەد ئوغراش، ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى پارىژ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى يالچىن شىمشەك، مۇستەقىل سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتى پارىژ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ھاقان قالايجى، دىنىي ئىشلار تۈرك – ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈركلەر ئىشتىراك قىلدى.

گوئۇسسائىنۋىللې شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ئالائىن لوئۇئىسمۇ قاتناشقان زىياپەت ھارپىسىدا ئىلاھىيلار ئوقۇلدى ۋە سەمازەن نومۇرلىرى ئورۇندالدى. زالدا ئەزاننىڭ ئوقۇلۇشىدىن كېيىن ئىپتار قىلىندى.

زىياپەتتە سۆز قىلغان ئۇلۇغ جامەسى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چەلەبى، ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقانلارغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە بۇ رامىزاندا ھەر كۈنى ئاممىۋى ھالدا بىرلىكتە ئىپتار قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

گوئۇسسائىنۋىللې شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ئالائىن لوئۇئىس فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى  ئەركىن – ئازادە ھالدا ئادا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر