خاتايدا EXPO 2021  يەرمەنكىسى ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالاندى

2021 – يىللىق بوتانىكا EXPO يەرمەنكىسىگە «مەدەنىيەت باغچىسى» تېمىسى ئاستىدا ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خاتايدا يەرمەنكە مەسئۇللىرى بىلەن خاتاي شەھەرلىك ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى.

731120
خاتايدا EXPO 2021  يەرمەنكىسى ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتاي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى لۈتفۈ ساۋاش ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: «قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان 23 مەدەنىيەتتىن 13 گە ساھىبخانىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادلار سۆيگۈ، تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە قېرىنداشلىق ۋە مېھىر – مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان بىر شەھەردە بۇنداق كاتتا پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ھەم بىزگە ھەم قوشنا ئەللەرگە ئۈمىد چىرىغى ياندۇرىدۇ.»

خەلقئارا باغچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى بېرنارد ئوستېروم، خاتايدا 2021 – يىللىق  EXPO يەرمەنكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

خەلقئارا باغچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى تىم برىئېركلىففې بۇ ھەقتە توختالغاندا، «بۇ پائالىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ ئۆتكۈزەلەيدىغانقىلىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر