«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق تەشكىلات»

باش مىنىستىر يىلدىرىم 160 تىن ئارتۇق دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

721625
«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق تەشكىلات»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم 1 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، مۇنداق دېدى: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ، 160 تىن ئارتۇق دۆلەتتە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارالىق جاھانگىر تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىىشىۋاتقانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ نومۇسسىز فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا تەۋە بولغان مەكتەپلەرنى ، مۇئەسسەسەلەرنى بىر – بىرلەپ تاقاۋاتىدۇ، جۈملىدىن سىلەرمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ دۆلەتلىرىڭلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشتا كېچىكىپ قالساڭلار، سىلەرمۇ ئوخشاشلا ناھايتى زور تەھدىتكە دۇچ كېلىسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر