مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى تېررورچى سەدات ئاقسۇنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى—پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كېڭەش رەھبەرلىرىدىن شەۋگەر چىيا كود ئىسىملىك سەدات ئاقسۇنى ئۇجۇقتۇردى.

2138801
مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى تېررورچى سەدات ئاقسۇنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىراقتا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سەدات ئاقسۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزۇن مەزگىل يوشۇرۇشقا ئورۇنغان بولسىمۇ، ئاخىرى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولدى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سەدات ئاقسۇنىڭ 2016-يىلى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەنە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ گارا رايوندىكى ئوق-دورا ئىسكىلاتىنىڭ ئاتالمىش مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى ۋە ئۇنى كۆزىتىشكە ئالاھىدە خادىم تەيىنلىدى.

رايوندىكى ئالاھىدە خادىملار تېررورچى ئاقسۇنىڭ تەشكىلاتنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىدىغان تېررورچىلارنى ئوق-دورا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، سەدات ئاقسۇنى ئەتراپىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇجۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر