فىرانسىيەدە يەنە بىر جامە تاقالدى

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىددىي ھالەت دائىرىسىدە يەنە بىر جامەنىڭ ئىبادەتكە تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

664178
فىرانسىيەدە يەنە بىر جامە تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىمامى رادىكال ئىدىئولوگىيە ۋە ئايرىمچىلىققا تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن دارۇسسالام جامەسى جىددىي ھالەت دائىرىسىدە ئىبادەتكە تاقىۋېتىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، جامە ئىمامىنىڭ رايوندىكى جامائەتكە قارىتا ئىجتىمائىي بېسىم تەشكىل قىلىدىغان سۆزلىرىنىڭ تاقىۋېتىش قارارى ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تەخمىنەن 20 جامە ۋە مەسجىد تاقالدى.

پارىژنىڭ 6 رايونىدا 2015 – يىلى 13 – نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن ۋە 130 كىىشنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن دۆلەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.

فىرانسىيە بىكار قىلىشنى ئويلاۋاتقاندا 17 – ئىيۇل كۈنى نىستە يۈز بەرگەن ۋە 84 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى تەكرار ئۇزاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر