قاتاردا «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل»نىڭ ئەرەبچىسى تارقىتىلىدىغان بولدى

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باش مۇدىرى شەنول گۆكا 60 قا يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن مەبلەغچىلەرنىڭ «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»نىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەلەپ سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

647604
قاتاردا «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل»نىڭ ئەرەبچىسى تارقىتىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ت ر ت 1» قانىلىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى جەھەتتە تۈركىيە بويىچە رېكورت ئۈستىگە رېكورت يارىتىپ كېلىۋاتقان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قاتاردا ئەرەبچە تارقىتىلىدىغان بولدى.  

«تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» قاتاردا دوھا تېلېۋزىيە قانىلىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

قاتار مېدىيا شىركىتى باش مۇدىرى ئابدۇررەھمان بىن ھاماد ئەلتانى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ئۈچۈن تەييارلانغان بىر رەسىم بىلەن بىرلىكتە تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلدى. ئۇ تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»نىڭ 16 – يانۋاردا ئەرەبچە تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باش مۇدىرى شەنول گۆكا 60 قا يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن مەبلەغچىلەرنىڭ «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»نىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەلەپ سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر