گوگۇل تورىنىڭ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىغا يەنە بىر يېڭىلىق قوشۇلدى

گوگۇل تەرجىمىسىگە، توققۇز تىلدا كۈندىلىك تۇرمۇشتا سۆزلىشىشكە ئەڭ يېقىن، تىل قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن تەرجىمە ئىقتىدارىنىڭ قوشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

612086
گوگۇل تورىنىڭ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىغا يەنە بىر يېڭىلىق قوشۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوگۇلنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ساندېر پىچاي ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا نىيۇرال ماشىنا تەرجىمىسىنى تونۇشتۇرۇپ، تۈركچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز تىلدا سۆز تەرجىمىسىنىڭ ئورنىغا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۆزلىشىشكە ئەڭ يېقىن، تىل قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن تەرجىمەنى باشلىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «نىيۇرال سىستېمىسى جۈملە ئىچىدىكى سۆزلەرنى ئايرىم-ئايرىم تەرجىمە قىلماي، بىرلا قېتىمدا جۈملە شەكىلدە تەرجىمە قىلىدۇ ۋە مەزمۇنغا ئەڭ يېقىن تەرجىمىنى تېپىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تىل مەلۇماتى بىلەن ئادەمنىڭ سۆزلىشىشىگە ئوخشايدىغان شەكىلدە قايتىدىن توغرىلايدۇ. بۇنىڭدا تەرجىمىنى چۈشىنىش ياكى تەرجىمە قىلىنغان ماقالىلەرنى ئوقۇش تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ» دېدى.

ئۇ يېڭى سىستېمىنىڭ تەرجىمىنى ئەدەبىيات تەرجىمىسىگە ئوخشاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يازغۇچى جورج لۇيىس بورگېسنىڭ بىر جۈملىسى ئادەتتە ئىنگىلىزچىغا قانداق تەرجىمە قىلىنسا، شۇنداق تەرجىمە قىلىنىدۇ» دېدى.

نىيۇرال ماشىنا تەرجىمىسى ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، نېمىسچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، خىتايچە، ياپونچە، كورېيەچە ۋە تۈركچە توققۇز تىلدا تەرجىمە قىلىدۇ.

ساندېر پىچاي نىيۇرال ماشىنا تەرجىمىسىنى 103 تىلغا چىقىرىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ تىللار دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %35 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ سىستېما كۆچمەنلەر دولقۇنى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، كۆچمەنلەرگە كۆپ پايدىلىق» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر