تۈركلەر بىلەن رۇسلار بىرلىكتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىدى

تۈركلەر بىلەن رۇسلار بىرلىكتە ئىشلىگەن «شەرق – غەرب» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئانتاليادا تونۇشتۇرۇلدى.

584591
تۈركلەر بىلەن رۇسلار بىرلىكتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «دوماشنىي» تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بەلەك ساياھەت مەركىزىدىكى بىر مېھمانسارايدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنادا ئىشلەنگەن ھەمدە تۈرك ياش بىلەن رۇس قىزنىڭ ئىشقى مۇھەببىتى تەسۋىرلىنىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ رېژىسسورلۇقىنى دەنىس ئېلېئونسكىي ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا.

تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئېۋگېنىيە لوزا، جەيكوب كۇچۇرېۋسكى، ئەدنان كوچ قاتارلىق تۈرك ۋە رۇس ئارتىسلار رول ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر