مىسىردا 4 مىڭ 500 يىللىق پاپىرۇس تېپىلدى

مىسىردا 2013 – يىلى باشلانغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى جەريانىدا 4  مىڭ 500 يىللىق پاپىرۇس تېىپلدى.

530003
مىسىردا 4 مىڭ 500 يىللىق پاپىرۇس تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاھىرە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان پاپىرۇسلار جىزيە رايونىدىكى مەشھۇر ئېھراملارنى ياساش باسقۇچىنىڭ سىرىنى يېشىش جەھەتتىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

پاپىرۇسلاردا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە يوغان ئېھراملارنى ياساستا ئىشلىتىلگەن تاشلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن قانداق كەلتۈرۈلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېھراملارنى ياساشتا ئىشلىگەن ئىشچىلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى توغرىلىقمۇ مەلۇمات بېرىلمەكتە.

پاپىرۇسلار ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ۋە يېمەك – ئىچمەكلىرى توغرىلىقمۇ مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

مىسىردا 4 – خاندانلىق دەۋرىگە ئائىت ھۆججەتلەر پىرئەۋىن كۇفۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىلغارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ ھۆججەتلەر مىڭلارچە يىللىق مىسىر تارىخىنىڭ ھازىرمۇ كەشپ قىلىنىشقا تېگىشلىك ناھايىتى كۆپ  تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر