تۈركىيە ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى

تۈركىيە ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىلاردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلىرىدە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ياخشى تۆت كوماندا ئىچىگە كىرەلمەي ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى.

516544
تۈركىيە ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 16 كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرگەن كوماندىلار ئېنىق بولدى. D گۇرۇپپىدا، تۈركىيە كوماندىسى كىرودىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىغا يىڭىلگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى مۇسابىقىدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، 16 كۈچلۈك كوماندىغا كىرىش ئۈمىدىنى زورايتقان ئىدى. بىراق، باشقا گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقە نەتىجىلىرى تۈپەيلىدىن شاللىنىپ كەتتى.

E گۇرۇپپىدا، ئىرېلاندىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، نومۇرىنى 4 كە چىقاردى ۋە تۈركىيەنىڭ ئورنىغا ياۋروپا لوڭقىسىنى داۋاملاشتۇرغان كوماندىغا ئايلىنىپ قالدى. گۇرۇپپىدىكى باشقا مۇسابىقىلەردە، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ شىۋېتسىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يىڭىشى تۈركىيە كوماندىسى ئۈچۈن يېتەرلىك بولمىدى. بۇ گۇرۇپپىدا پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئىرېلاندىيە كوماندىسى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. نەتىجىدە، تۈركىيە تارىخىدا تۆتىنچى قېتىم قاتناشقان ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىككى قېتىم گۇرۇپپىلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردىلا شاللىنىپ كەتكەن كوماندىغا ئايلاندى.

2016 – يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 16 كۈچلۈك كوماندىسى ۋە مۇسابىقە ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:

25– ئىيۇن شەنبە

 شىۋېيتسارىيە كوماندىسى بىلەن پولشا كوماندىسى ئەنقەرە ۋاقتى 16:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 19:00 دا، ئەنقەرە ۋاقتى 19:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 دە گاللېر كوماندىسى بىلەن شىمالىي ئىرېلاندىيە كوماندىسى؛ ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:00 دە كىرودىيە كوماندىسى بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

26 – ئىيۇن يەكشەنبە

فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتى كوماندىسى ئەنقەرە ۋاقتى 16:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 19:00 دا، ئەنقەرە ۋاقتى 19:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 دە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن سلوۋاكىيە كوماندىسى؛ ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:00 دە ۋېنگىرىيە كوماندىسى بىلەن بېلگىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

27 – ئىيۇن دۈشەنبە

ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسى ئەنقەرە ۋاقتى 19:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 دە، ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:00 دە ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن ئىسلاندىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر