پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىپتىخارى بولغان بوكس شاھى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى
پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىپتىخارى بولغان دۇنياغا داڭلىق بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كېنتاكى ئىشتاتىنىڭ لوسۋىللې شەھىرىدە ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەڭ خەلق ئاممىسى مۇھەممەد ئەلى تۇغۇلغان كوچىغا سەلدەك ئاقتى، قانچە ئون مىڭلىغان كىشى مۇھەممەد ئەلىغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىپ، ئۇنىڭ تاۋۇتىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىلنى گۈللەر بىلەن كۆمۈۋەتتى.
74 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان مۇھەممەد ئەلى ۋەسىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملار ئارقىلىق ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى.
مۇھەممەد ئەلىنىڭ تاۋۇتى گراند كوچىسىدىكى ئۆيى، بوكسچىلىقنى ئۆگەنگەن تەنتەربىيە زالى، نامىدىن تەسىس قىلىنغان مۇزېي ۋە نامى بېرىلگەن كوچا قاتارلىق جايلاردا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىم ئارقىلىق Cave Hill قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. مۇراسىمنى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن يۈزلەرچە تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن تارقاتتى. قەبرىستانلىقنىڭ كىرىش ئېغىزى گۈل – چېچەكلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى.
بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلغان بوكس شاھى ئۈچۈن كۆرۈنۈشلۈك بايانات ئېلان قىلدى. باياناتىدا مۇھەممەد ئەلىنى «قەھرىمان» دەپ تەرىپلىگەن ئوباما ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىگە ھەدىيە قىلغان كىتاب ۋە پەلەيلەرنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولومبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.