ئەردوغان: بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ئەركىنلىك جەڭچىسى ئىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىسى ۋە ئۇرۇشقا قارشى كۈرەش ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

507953
ئەردوغان: بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى ئەركىنلىك جەڭچىسى ئىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە لۇئىۋىل شەھىرىدىكى مۇھەممەد ئەلى مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.

مۇزېيدىن چىقىشىدا چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىسى ۋە ئۇرۇشقا قارشى مەسىلىلەردە ئۈلگىلىك شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەركىنلىك ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۈرەش قىلغان ۋە بۇ كۈرىشىنى 22 يېشىدا مۇسۇلمان بولغاندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان ئۈلگىلىك بىر شەخسنىڭ مېيت نامىزىغا قاتناشماي، يىراقتىن كۆزەتسەك توغرا بولمايتتى. مۇسۇلمان قېرىندىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ مېيت نامىزىغا بىۋاسىتە قاتنىشىشنى خەلقىم نامىدىن باش تارتىپ بولالمايدىغان مۇقەددەس بۇرچۇم دەپ قارىدىم. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر