ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلالامدۇ؟

62794
ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلالامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلالامدۇ؟

ياۋروپا كومىتېتى 2014-يىلى باھار دەۋرى ئىقتىسادىي مۆلچەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، بۇ قىيىن سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇناسىۋەتلىك «ئىقتىسادىي گۈللىنىش زورىيىدۇ» دېگەن سىگنالنى بەردى.

تەخمىنلەرگە كۆرە، 2013-يىلى 0.1% زورايغان ياۋروپا ئىتتىپاقى 2014-يىلى 1.6%، 2015-يىلى بولسا 2% زورىيىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۆلچەرىچە، 2014-يىللىق ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئازىيىدىكەن.

ئىقتىسادىي ئەسلىگە كېلىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ياۋروپا كومىتېتى، 2014-يىللىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە ياۋرو رايونى ئۈچۈن 0.2% تەخمىن قىلىپ، 10.5 - 11.8 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر