تۈركىيە 2003-يىلىدىن بۇيان 262 مىليارد دوللار مەبلەغ جەلپ قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ئىشخانىسى رەئىسى بۇراك داغلىئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ 2003 -يىلىدىن بۇيان 262 مىليارد دوللار مەبلەغ جەلپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2111571
تۈركىيە 2003-يىلىدىن بۇيان 262 مىليارد دوللار مەبلەغ جەلپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ئىشخانىسى رەئىسى بۇراك داغلىئوغلۇ خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار جەمئىيىتى (YASED)نىڭ 43-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ 2003-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمى 3 مىڭ دوللار بولغان ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «نۆۋەتتە تۈركىيە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمى 13 مىڭ دوللارغا يەتكەن ئوتتۇرىدىن يۇقىرى كىرىملىك ​​دۆلەتلەرنىڭ بىرى. تۈركىيە ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا سودىسىدا مىڭدا 5 تىن ئازراق كۆپ ئۈلۈشى بار بىر دۆلەت بولغان بولسا، ھازىر %1.1 دىن ئارتۇق ئېكسپورت نىسبىتى بىلەن ئەمەلىي پېيىنى ئاشۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ 2003-يىلىدىن بۇيان 262 مىليارد دوللار مەبلەغ جەلپ قىلغانلىقىنى  سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر