تۈركىيە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ساھەسى ئېكىسپورتتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سانائىتى ساھەسى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە 2 مىليارد 414 مىليون 399 مىڭ دوللارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلدى.

2133886
تۈركىيە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ساھەسى ئېكىسپورتتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار  بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە 183 دۆلەت ۋە ئەركىن سودا رايونىغا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغان.

بۇ مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە 938 مىليون 524 مىڭ دوللارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

ئىتالىيەگە 204 مىليون 503 مىڭ دوللارلىق، ئىسپانىيەگە 135 مىليون 760 مىڭ دوللارلىق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 121 مىليون 405 مىڭ دوللارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ جەھەتتە ئىتالىيە بىرىنچى، ئىسپانىيە ئىككىنچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

تاۋار تۈرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ رەخت ئېكىسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 1 مىليارد 505 مىليون 896 مىڭ دوللار كىرىم قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە، 606 مىليون 871 مىڭ دوللارلىق يىپ، 301 مىليون 627 مىڭ دوللارلىق تالا ئېكىسپورت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر