ياۋروپا گاز تېجەش بەلگىلىمىسىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئالدىمىزدىكى قىش پەسلىگە تەييارلىق ئۈچۈن تەبىئىي گاز ئىستېمالىنى %15 ئازايتىش بەلگىلىمىسىنى بىر يىل ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشتى.

2111172
ياۋروپا گاز تېجەش بەلگىلىمىسىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، تەبىئىي گاز تېجەش بەلگىلىمىسىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئالدىمىزدىكى قىش پەسلىدە يېتەرلىك گاز ساقلاش سەۋىيەسىگە يېتىش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېھتىياجنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى 2017-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن %15 تۆۋەنلىتىشنى، 2025-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن باشلانغان ئېنېرگىيە كىرىزىسى بىلەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان گاز تېجەش بەلگىلىمىسى 31-مارت ئاخىرلىشىدۇ. چىقىرىلغان مەزكۇر قارار نەتىجىسىدە، بۇ بەلگىلىمە يەنە بىر يىل داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر