تۈركىيە ئىقتىسادى بۇلتۇر ٪4.5 ئاشتى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تۈركىيەنىڭ 2023-يىللىق ئىقتىسادى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق رەقەملەرنى ئېلان قىلدى.

2109066
تۈركىيە ئىقتىسادى بۇلتۇر ٪4.5 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى،  2023-يىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلانغان <ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)>نىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىقتىسادىي بۇلتۇر %4.5، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە بولسا، ٪4 ئاشقان.

ھازىرقى باھا بويىچە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2023-يىلى 2022-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، ٪75 ئېشىپ، 26 تىرىليون 276 مىليارد 307 مىليون لىراغا يەتكەن.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 307 مىڭ 952 لىرا (13مىڭ 110دوللار) دەپ ھېسابلانغان.

شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇدا 14 پەسىل ئارقا-ئارقىدىن ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر