سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەققىيات فوندى تۈركىيە بىلەن قەرز كېلىشىمى ئىمزالىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەققىيات فوندى تۈركىيە بىلەن 55 مىليون دوللارلىق يېڭى قەرز كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2105544
سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەققىيات فوندى تۈركىيە بىلەن قەرز كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەققىيات فوندى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قەرزنىڭ «ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى يەر تەۋرەش خەۋپىنى ئازايتىش تۈرى»گە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان سېلىنما ۋە سودا مۇنبىرىدە ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە ئېلىنىدىغان قەرز كۆلىمى تەخمىنەن 55 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان 5 ئاممىۋى مەكتەپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدۇ.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تۈر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەكتەپلەر يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان خەتەرلەردىن قوغدىلىدىكەن؛ مەكتەپلەرگە كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەر ۋە مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، مائارىپ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەققىيات فوندى مەبلەغ سالغان بۇ تۈر، فوندىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دائىملىق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بۇ تۈر ئوقۇغۇچىلارنى سۈپەتلىك مائارىپ مۇھىتىغا ئىگە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تۈر يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «سۈپەتلىك مائارىپ» ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم.

تۈركىيەنىڭ مائارىپ ساھەسىنى قوللاش ۋە دۆلەتنىڭ دۇنياۋى مائارىپ مۇھىتى يارىتىش نىشانىغا ھەمدەم بولۇشنى مەقسەت قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەققىيات فوندى، يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە، سەھىيە، دېھقانچىلىق ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنىڭ 300 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان 9 تەرەققىيات تۈرى ۋە پىروگراممىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر