شىمشەك: گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2074164
شىمشەك: گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر شىشەك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، «5 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – گىرېتسىيە ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى» ھەققىدە ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئاتىنادا چاقىرىلغان 5 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – گىرېتسىيە ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقانلىقلىرىنى، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقى ۋە مېھماندوستلۇقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

شىمشەك گىرېتسىيە زىيارىتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:  

«گىرېتسىيە ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرى كوستىس خاتزىداكىس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىم ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك  بولدى. گىرېتسىيەنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارمىز. كۆپ جەھەتتىن ئوخشاش ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەيياردۇر. جۈملىدىن بىز تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر