تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يېڭى رېكورت يارىتىش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY) نىڭ بۈگۈن پىلانلانغان يولۇچىلار ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى بىلەن، يېڭى رېكورت يارىتىشى كۈتۈلمەكتە.

2006068
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يېڭى رېكورت يارىتىش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بىلال ئەكشى ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلغان  باياناتىدا، «بۈگۈن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم كۈندىلىك يولۇچىلار سانىدا 300 مىڭ يولۇچى چېكىدىن ئېشىش ئالدىدا تۇرىمىز. پىلانلانغان 1765 نۆۋەتچى ئايروپىلانىمىزدا 309 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى كۈتۈۋالىمىز. ھېيتتا بارلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سالدۇق، ھېيتتىن كېيىنكى قايتىشىتا دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ تولۇش نىسبىتى %95 تىن ئېشىپ كەتتى. ھەممىڭلارغا ئاقيول تىلەيمىز» دېيىلدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى  2-ئىيۇن قۇربان ھېيتتىن ئىلگىرى 1664 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 285 مىڭ 877 يولۇچى توشۇپ، كۈندىلىك ئۇچۇش ۋە يولۇچىلار رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر