ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم ئۆستۈردى

ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى (ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى) ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

1964015
ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم ئۆستۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتىنى مۆلچەردىكىگە پاراللېل ھالدا 25 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرۈپ، يېقىنقى 16 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى بولغان %4.75  بىلەن %5 ئارىلىقىغا ئۆستۈردى.

ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئاشۇرۇش قارارىنىڭ بارلىق ئەزالارنىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فېدېراتسىيە ئوچۇق بازار كومىتېتى (FOMC) نىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە %2 پۇل پاخاللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بۇ نىشاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ئۆسۈم نىسبىتىنى %4.75 بىلەن %5 ئارىلىقىغا چىقىرىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتىنى 2007-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرگەن بولدى.

بانكانىڭ پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى بۇ يىل %3.1 تىن %3.3 كە كۆتۈرۈلگەن باياناتتا، پۇل پاخاللىقىنىڭ 2024 –يىلى %2.5، 2025- يىلى %2.1 بولىدىغانلىقى مۆلچەرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر