تۈركىيەنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانى 100 مىڭ ۋارىلغا يېقىنلاشتى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دونمەز تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنىڭ كۈنىگە 100 مىڭ ۋارىلغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

1926175
تۈركىيەنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانى 100 مىڭ ۋارىلغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر دونمەز تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش  مىقدارى ۋە تۈركىيە نېفىت شىركىتى (TPAO) نىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

فاتىھ دونمەز دۆلەت ئىچىدە  كۈنىگە 100 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە نېفىت شىركىتى (TPAO) نىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرىدا بولسا، «تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ نېفت ئىشلەپچىقىرىدىغان نېفىتلىكى ھازىر شىرناكتا. شېھىت ئەسما چەۋىك 7 - قۇدۇقىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1613  ۋارىلغا ۋە قوشۇمچە ئىشلەپچىقىش بىلەن ئومۇمىي مىقدارى 7714 ۋارىلغا يەتتى. يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە بولسا، 66 مىڭ 639 ۋارىل نېفت ئىشلەپچىقىرىش  بىلەن يېقىنقى 30 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قولغا كەلتۈردۇق» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر